پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 63 كە يەتتى

پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىدىكى كۇچا رىسالدار شىئەلەر جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانى 63 كە يەتتى، 200 گە يېقىن كىشى يارىلاندى.

1790223
پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 63 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مەھەللىي تاراتقۇلىرى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇجۇمنىڭ ئاۋىستىرالىيە - پاكىستان كالتەك توپ (كىركىت) مۇسابىقىسىگە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى، پاكىستان دائىرىلىرى بولسا، ئاۋستىرالىيە كالتەك توپ كوماندىسىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋسترالىيە كوماندىسى ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 27- فېۋرال كالتەك توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا بارغان بولۇپ، ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان مۇسابىقە تۈنۈگۈن باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر