ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ ۋە ئەلشىر ئوسمانوۋنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ بىلەن بەزى ئولىگارخلارنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1789635
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ ۋە ئەلشىر ئوسمانوۋنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي رۇسىيەنىڭ كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ ۋە بەزى ئولىگارخلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكا شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا ئۇكرائىنا زالىملارچە ئىشغال قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، پۇتىننى قوللاشتىن ۋاز كەچمىگەن رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئۆي-زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى؛ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ، بۇ كىشىلەرنىڭ سوتقا تارتىلىشى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ئۈچۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئاخباراتلارنى ئورتاقلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رۇسىيەدىكى ئەڭ باي كىشىلەردىن بىرى ۋە پۇتىننىڭ يېقىن دوستى بولغان ئەسلى ئۆزبېك رۇسىيە پۇقراسى ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى؛ بۇ كىشىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتىنىڭ گېرمانىيە تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ پۇتىننىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئەڭ چوڭ ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ۋاگنېر شىركىتىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ۋە «كرېمىلنىڭ ئاشپىزى» دەپمۇ بىلىنىدىغان يېۋگېنىي پرىگوجىنىڭ ئۈچ شىركىتى، ئايالى، قىزى ۋە ئوغلىنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئولىگارخلار ئارىسىدا، فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) نىڭ سابىق خىزمەتچىسى نىكولاي توكارېۋ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى روستېخنىڭ باشلىقى سېرگېي چېمېزوۋ، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئىگور شۇۋالوۋ، سودا-سانائەتچىلەردىن بورىس روتېنبېرگ ۋە ئاركادىي روتېنبېرگ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر