رۇسىيە بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنى چەكلەنگەن تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيە بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنى چەكلەنگەن تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئېچىلىشىنى چەكلىدى.

1789707
رۇسىيە بەزى خەۋەر تور بېكەتلىرىنى چەكلەنگەن تور بېكەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان سۋوبودا رادىيوسى، ئەنگلىيەدىكى ب ب س رۇسچە رادىيوسى ۋە مەركىزى لاتۋىيەگە جايلاشقان مېدۇزا قاتارلىقلارنىڭ تور بەتلىرىگە توسۇق قويۇپ، ئېچىلىشىنى چەكلىدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ تور بېتىدىكى چەكلەنگەن تور بېكەتلەر تىزىملىكى يېڭىلاندى.

تىزىملىككە مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان سۋوبودا رادىيوسى، ئەنگلىيەدىكى ب ب س رۇسچە رادىيوسى ۋە مەركىزى لاتۋىيەگە جايلاشقان مېدۇزا قاتارلىقلارنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ ئىسىملىرى قوشۇلدى ۋە مەزكۇر تور بەتلەرنىڭ رۇسىيەدە ئېچىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر