پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر شىئە جامەسىدە بومبا پارتلىدى

پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە شىئەلەرنىڭ بىر جامەسىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 45 كە چىقتى، 65 كىشى يارىلاندى.

1789974
پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر شىئە جامەسىدە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىشاۋۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەجازخان پىشاۋۇردىكى كۇچا رىسالدار جامەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىر يەرگە توپلانغاندا بومبا ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋەقەلەرنىڭ جامە سىرتىدىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، بەزى ھۇجۇمچىلارنىڭ جامە ئىچىگە قېچىپ كىرىپ بومبىلارنى پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بومبا ھۇجۇمىدا 45 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ساقچىلارغا قارشى قىلىنغان ھۇجۇملاردا بولسا، بىر ھۇجۇمچى بىلەن بىر ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار جامەدە تەخمىنەن 150 كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۆلۈم سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ئەمما، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن پاكىستان تالىبانىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر