ماكرون پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون كېلەر ئاي (2022-يىلى ئاپرېل) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون خەلققە يازغان خىتابىدا ۋە يەرلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلغان مەكتۇبىدا، يېقىنقى بەش يىلدا دۆلەتنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى، نۇرغۇن ساھەلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ خىتابىدا، تېخى ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «بالىلارنىڭ فىرانسىيەسى» نى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىدىن بېشارەت بېرىپ، مائارىپقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى، ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى بەش يىلىنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
فىرانسيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسى 10-ئاپرېل باشلىنىدۇ. نامزاتلارنىڭ ھېچبىرى بىرىنچى ئايلانما سايلامدا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات 24-ئاپرېل ئىككىنچى ئايلانما سايلامدا ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.