بلىنكېن كۇلېبا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1789733
بلىنكېن كۇلېبا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس بلىنكېن-كۇلېبا كۆرۈشۈشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

 كۆرۈشۈشتە، دۇنيادا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر، ئۇكرائىناغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نېد پرايس باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«مىنىستىر بلىنكېن رۇسىيەنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ھال سورىدى. ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

زاپورىژۋا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادا بولسا ئەڭ چوڭ 10 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىغا جايلاشقان چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنادا پائال ئىشلەۋاتقان 15 دانە يادرو رېئاكتور قازىنى بار بولۇپ، دۆلەت ئېلىكتىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى مۇشۇ ئىستانسىسىلاردىن قولغا كەلتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر