گېرمانىيە ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭ پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

گېرمانىيە رۇسىيەگە قارشى ئىجرا قىلىنغان ئېمبارگولار رامكىسىدا، رۇسىيەلىك مىلياردېر ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭ ساياھەت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى.

1789059
گېرمانىيە ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭ پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشغالى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان ئېمبارگولار رامكىسىدا ئەسلى ئۆزبېك رۇسىيەلىك مىلياردېر ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭ 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ساياھەت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھامبۇرگ ئىشتاتى مەسئۇللىرى ئەلشىر ئۇسمانوۋنىڭ ئۇزۇنلۇقى 156 مېتىر كېلىدىغان ساياھەت پاراخوتى ھامبۇرگ پورتىدا مۇسادىرە قىلىنغان.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موتورلۇق ساياھەت پاراخوتى دەپ قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر ساياھەت پاراخوتى، 2021-يىلى ئۆكتەبىردىن تارتىپ گېرمانىيە بولھم ۋوس كېمىسازلىق ۋە ئىنژېنېرلىق شىركىتىدە (Blohm + Voss) ئىدى.

خەۋەرلەردە، ئەلشىر ئوسمانوۋنىڭ «دىلبەر» ناملىق ساياھەت پاراخوتىنى 2016-يىلى 600 مىليون دوللارغا گېرمانىيەنىڭ لۈرسسېن شىركىتىدىن سېتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاراخوتتا 65 كابىن، بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە ئىككى تىك ئۇچار قونۇش لىنيەسىنىڭ بارلىقى، پاراخوت خىزمەتچىلىرىنى قوشقاندا 80 ئادەمنىڭ قونالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر