رۇسىيەنىڭ خاركوۋ ھۇجۇمىدا كۆرۈلگەن تالاپەتلەر

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 1-مارت) كېچىدىن باشلاپ خاركوۋدىكى جامائەت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1788290
رۇسىيەنىڭ خاركوۋ ھۇجۇمىدا كۆرۈلگەن تالاپەتلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاركوۋ ۋالىيسى ئولېخ سيىنيېخۇبوۋ تېلېگرامدا بايانات ئېلان قىلىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەتتە پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خاركوۋدىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، جامائەت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن (2022-يىلى 1-مارت) ئەتىگەندە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، ۋالىيلىك بىناسى، ئەركىنلىك مەيدانى ۋە ئەتراپىدىكى بىنالارنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي خاركوۋ ھۇجۇمىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بۇ رۇسىيەنىڭ دۆلەت تېررورلۇقىدۇر. رۇسىيە تېررورلۇق دۆلىتىدۇر. پۈتكۈل دۇنيانى ۋەھشىيلەرچە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمغا ئۈنۈملۈك ۋە تېز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىلىشىنى، رۇسىيەنىڭ دۆلەت تېررورلۇقى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە چاقىرىمەن. تېررورىستلارنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى تېلېۋىزىيە مۇنارى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 1-مارت) كېچە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. ھۇجۇمدا، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، شەۋچېنكو رايونىدىكى تېلېۋىزىيە مۇنارىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىنىڭ سىمۋولى بولغان بابى يار خاتىرە سارىيىغا قىلىنغان ھۇجۇمىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «تارىخ تەكرارلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ سۇمى ئىشتاتى ئوختىيركا شەھىرىدىكى ھەربىي بازىغا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، 70 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئۇكرائىنا سۇمى ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى دمىيترو جىۋىيتسكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ خارابىلىق ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئۇ شەھەردە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جەسەتلەرنى توپلاپ، خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر