رۇسىيەنىڭ 5 مىڭ 840 ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 5 مىڭ 840 ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1788358
رۇسىيەنىڭ 5 مىڭ 840 ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 5 مىڭ 840 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 30 ئايروپىلانى، 31 تىك ئۇچارى، 211 تانكىسى، 862 بىرونىۋىكى، 85 زەمبىرىكى ۋە ئىككى موتورلۇق قولۋىقىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيەنىڭ 40 دانە راكېتا سىستېمىسى، 355 دانە ئاپتوموبىلى، 60 يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى، توققۇز ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى ۋە ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى، بۇ رەقەملەرگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مەلۇماتلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر