رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1788334
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ ئۇكرائىنانىڭ 1502 ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى، 472 تانكا ۋە بىرونىۋىك، 63 دانە راكېتا، 206 زەمبىرەك ۋە 336 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ كىيېۋدىكى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئەسلىھەلىرى ۋە 72-ئالاھىدە پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت مەركىزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كىيېۋدىكى تېلېۋىزىيە مۇنارى بىتچىت قىلىندى» دېدى.
ئۇ: «خېرسون شەھىرى كونترول ئاستىغا ئېلىندى. رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن رۇسىيە ئارمىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا شەھەردىكى جامائەت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇزاكىرەلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.