پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ قىلىۋاتقان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1788215
پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن كونگرەنىڭ ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئورتاق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ تەھدىت سېلىش يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئەركىن دۇنيانىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىشكە باشلىدى. ئەمما، ئېغىر خاتالاشتى. ئۇكرائىناغا كىرەلەيمەن ۋە دۇنيانى بويۇن ئەگدۈرەلەيمەن دەپ ئويلىدى. ئۇ ھېچ ئويلاپ باقمىغان بىر كۈچ تېمىغا دۇچ كەلدى، ئۇكرائىنا خەلقىگە دۇچ كەلدى» دېدى.

ئۇ ئىجرا قىلغان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ بۈگۈنگىچە %30 قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ %40 قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە ئاكسىيە بازارلىرى ئىشلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە ئىقتىسادى داۋالغۇشتا ۋە بۇنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى پۇتىن. بۇ كېچە (1-مارت) ئامېرىكانىڭ پۈتكۈل ھاۋا تەۋەلىكى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىلىدۇ ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىمىزنىڭ سېپىگە قوشۇلىمىز. بۇ رۇسىيەنى تېخىمۇ يالغۇزلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ئالدىن پىلان قىلىنغان» ۋە «ئورۇنسىز»  دەپ باھا بېرىپ: «پۇتىن دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقلىرىنى رەت قىلدى. غەرب ۋە ناتونى جاۋاب بەرمەيدۇ، بىزنى بۆلەلەيمىز دەپ ئويلىدى. پۇتىن خاتالاشتى. بىزنىڭ تەييارلىقىمىز بار ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر