لاۋروۋ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يادرو خاراكتېرلىك ھەمدە ۋەيران قىلغۇچ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يادرو قورالى خاراكتېرلىك، شۇنداقلا ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى.

1788585
لاۋروۋ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يادرو خاراكتېرلىك ھەمدە ۋەيران قىلغۇچ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ تاس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سېرگېي لاۋروۋ، ئۇكرائىنانىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يادرو خاراكتېرلىك ۋە ۋەيران قىلغۇچ بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىنادا «ھەربىي ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، كىيېۋنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ «ھەقىقىي خەۋپ» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر