بولسونارۇ پۇتىننى قوللىدى

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارو رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا جازا يۈرگۈزۈلۈشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1787424
بولسونارۇ پۇتىننى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولسونارو ساۋ پاۋلودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىرازىلىيەنىڭ پۇتىنغا يۈرگۈزۈلىدىغان ھەرقانداق جازا ياكى ئەيىبلەشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بولسونارو، چوڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپ تۇتماسلىق كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «مەيدانىمىز چوقۇم ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ھېچكىم ئۇرۇشنى ياقلىمايدۇ. (ئەگەر ئۇرۇشنى ياقلىساق) پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز» دېدى.

بىرازىلىيە رەھبىرى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇرۇنقى كەسپىنى سۆرەپ چىقىپ، «كومېدىيە ئارتىسى» دېدى ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنىمۇ ئەيىبلەپ: «مېنىڭچە، خەلق مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا ئىشەندى. بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى كومېدىيە ئارتىسىغا تاشلاپ قويۇلدى. ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەڭپۇڭلۇققا ئېھتىياج بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر