ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئۇكرائىناغا 500 مىليون ياۋرو قىممىتىدە قورال-ياراغ ۋە باشقا ھەربىي ياردەملەرنى بېرىلىدىغانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1786793
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆتكۈزگەن 4-قېتىملىق يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە 450 مىليون ياۋرو قىممىتىدە قورال-ياراغ، 50 مىليون ياۋرو قىممىتىدە قوغداش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىخىدا تۇنجى ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياردەملەرنىڭ «ياۋروپا تىنچلىق تەسىسى فوندى» ۋە «ھۆكۈمەتلەر ئارا فوندى» دىن قىلىنىدىغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇكرائىناغا مۇھىم ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم پىلان-لايىھەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئېھتىياجلىق بولغان ئايروپىلانلار توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ياردەمنى قىلالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ غەربىنىڭ ھازىرمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ بەزى بانكالىرىنى سىۋىفت (خەلقئارالىق بانكا مۇلازىمەت تورى) (SWIFT) دىن چىقىرىۋېتىمىز. رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى پالەچ قىلىدىغان چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىمىز. مەزكۇر تەدبىرلەر بىلەن رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ زاپاس پۇللىرىنىڭ يېرىمىنى توڭلىتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە مەركىزىي بانكاسنىڭ زاپاس پۇللىرى مەسىلىسىنىڭ G7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا  ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، رۇسىيە ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر