«‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ۋۇخەندىكى مال بازى»

«‹New York Times› گېزىتى»، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن رايونىدىكى بىر مال بازىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1786382
«‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى ۋۇخەندىكى مال بازى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹New York Times› گېزىتى»، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى توغرۇلۇق تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان ئىككى يېڭى خەلقئارالىق تەتقىقات ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بۇ تەتقىقاتلاردا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنىڭ «ناھايىتى ئېنىق شەكىلدە» خىتاينىڭ ۋۇخەن رايونىدىكى بىر مال بازىرى ئىكەنلىكىڭ ۋە ۋىرۇسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەجرىبىخانىدىن تارقالمىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  

خەۋەردە، ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيولوگى ۋە بۇ ئىككى تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى مايكېل ۋوروبېينىڭ، «‹New York Times› گېزىتى» گە بەرگەن مۇنۇ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلدى: «بارلىق دەلىل - ئىسپاتلارغا قارىسىڭىز، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر مال بازىرىدىن تارقالغانلىقىنى ناھايىتى روشەن ھالدا كۆرۈۋالالايسىز.».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر