ئۇكرائىنا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان بىر يۈك پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىلگىرىلىۋاتقان بىر ياپون شىركىتى يۈك پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقى، ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1785857
ئۇكرائىنا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان بىر يۈك پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ئېخېمې ئۆلكىسىگە تىزىمغا ئالدۇرغان دېڭىز توشۇمىچىلىقى شىركىتى، قارا دېڭىزدا كېتىۋاتقان نامۇرا خانىش ناملىق پاناما بايرىقى قادالغان يۈك پاراخوتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە پاراخوتتىكى 20 نەپەر مۇلازىمەتچىنىڭ بىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى دوكلات قىلغان.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۈك پاراخوتىنىڭ زىياننى ئېنىقلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

كىيودونىڭ چەت ئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى، پاراخوتقا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر