ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي مۇداخىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىدى.
بىر نەچچە ئايلىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزغانلىقىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ، «ئىشغالنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.
باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ رۇسىيە ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ، ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى.
ناتونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.
رۇسىيە تۈنۈگۈن ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.