ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي مۇداخىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1785725
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك پەۋقۇلئاددە سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ سۆزلىدى.

بىر نەچچە ئايلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزغانلىقىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ، «ئىشغالنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ رۇسىيە ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ، ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى مۇزاكىرە قىلىنغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئىشتىراك قىلدى.

ناتونىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ناتو باشلىقلار يىغىنى باياناتىدا: «ئۇكرائىنانىڭ دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلانغان پىرېزىدېنتى، پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ۋەتىنىنى قوغداۋاتقان جەسۇر ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ناتونىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئە پوزىتسىيەسى ئۈچۈن زۆرۈر يەكۈنلەرنى چىقىرىمىز. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش قارارى، رۇسىيە ئۇزۇن يىللار بويىچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغان قورقۇنچلۇق خاتالىقتۇر» دېيىلدى.

رۇسىيە تۈنۈگۈن ئۇكرائىناغا باستۇرۇپ كىرىپ ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر