ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بەش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا، سەككىز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1784235
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بەش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا سەككىز كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈۈرلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بولسا، لۇخانسك رايونىدا رۇسىيەنىڭ بەش ئايروپىلانى بىلەن بىر تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى يالغانغا چىقىرىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە منىستىرلىقى ئۇكرائىنادىكى ھاۋا قالقان سىستېمىلىرى، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ، يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا قىلىنغان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، پۇقرالارغا تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈۈرلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ئاستىقۇرۇلما، ھاۋا قالقان سىستېمىلىرى، ھەربىي بازىلار ۋە ھاۋا ئارمىيەسى يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن بىتچىت قىلىندى.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر