ئاكار ئوستىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1784902
ئاكار ئوستىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون مۇداپىئەسى بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار يەنە، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئاكارنىڭ رېزنىكوۋ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بۈگۈن ئەتىگەندە (2022-يىلى 24-فېۋرال) ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر