غەرب دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى شىددەتلىك ئەيىبلىدى.

1784501
غەرب دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ سانسىزلىغان پۇقرانىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سەۋەبسىز  باشلىغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە دىپلوماتىيە چاقىرقلىرىغا قارىماي، يەنە بىر قېتىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەتكە قارشى ھۇجۇم يولىنى تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، ياۋروپا-ئاتلانتىك تىنچلىقىغا چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ئۇ قورقۇنچ بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو بارلىق ئىتتىپاقداشلارنى مۇداپىئە قىلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ» دېدى.

ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن، ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى روبېرتا مېتسولا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قىلغان قانۇنسىز ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

ئۇكرائىنادا گۇناھسىز ئايال-بالىلار ۋە كىشىلەرنىڭ بىر ئورۇنسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «بۇنىڭغا كرېمىل جاۋابكار. رۇسىيە ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى ۋە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىملەردىن قايغۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبانىڭ تەلىپى بىلەن ئىككىنچى قېتىم توپلانغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى شىددەتلىك ئەيىبلەپ: «بۇ خەلقئارالىق قانۇنغا ۋە ب د ت پىرىنسىپلىرىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر» دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى يىغىن باشلانغان پەيتلەردە پۇتىننىڭ دونباس رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھۇجۇمىنى شىددەتلىك ئەيىبلىدى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ھەرىكىتىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز. ئۇكرائىناغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇم، مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىغا چوڭ خەۋپ پەيدا قىلىپلا قالماي، خەلقئارالىق قانۇن ۋە رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ھۇجۇمنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى رۇسىيە» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «پۇتىن قەستەن ھالدا ئۆلۈم-يېتىم ۋە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇشنى تاللىدى. بۇ ھۇجۇم پەيدا قىلىدىغان ئۆلۈم-يېتىم ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى رۇسىيە. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىك ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. دۇنيا رۇسىيەدىن ھېساب سورايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پات ئارىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ موسكۋاغا يۈرگۈزىدىغان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلىدۇ.

ئۇ تۈنۈگۈن (2022-ىيلى 24-فېۋرال) رۇسىيە گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى قۇرۇلۇشىنى قىلىۋاتقان شىركەت بىلەن مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «گوللاندىيە رۇسيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلار بىرلىكتە قويۇق ئالاقە قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمىز ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ئوخشاش» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمى خەلقئارالىق قانۇنغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھېچقانداق قىلىپ ئاقلىغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ «قوپال ھەرىكىتى» نى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەگە ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشنى چاقىرىق قىلىپ: «G7 دۆلەت گۇرۇھى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو يېقىن كوردىناتسىيە ھالىدا بولىمىز. بۈگۈن ئۇكرائىنا ئۈچۈن قورقۇنچلىق بىر كۈن، ياۋروپا ئۈچۈن زۇلمەتلىك قاراڭغۇ بىر كۈن» دېدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمى توغرىسىدا تۋىتېتردا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن قورقۇنچلىق ۋەقەلەردىن چۆچۈگەنلىكىنى ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، كېيىنكى قەدەملەردە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پۇتىن ئۇكرائىناغا قارشى سەۋەبسىزلا ھۇجۇم باشلاپ، قان تۆكۈش ۋە ۋەيران قىلىش يولىنى تاللىدى. ئەنگلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇسمۇ پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە قارشى سەۋەبسىز باشلىغان قورقۇنچلىق ھۇجۇمىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنانى قوللايمىز ۋە بۇ قورقۇنچلىق ئۇرۇشقاقلىققا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىتالىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ ھۇجۇم ئادىل ئەمەس ۋە ئورۇنسىز. ئىتالىيە بۇ قورقۇنچلىق ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا خەلقىگە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا يېقىن تۇرىدۇ. ئىتتىپاقلاشقان ۋە قەتئىي ھالدا تېز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ياۋروپا ھەمدە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز »دېدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى لۇيگى دىمايو تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىتالىيە رۇسىيە ھەربىي ھەرىكىتىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئۇكرائىناغا قارشى قىلىنغان ئادىل بولمىغان ھۇجۇمدۇر. خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىرگە بولىدۇ» دېدى.

ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇم جاۋابسىز قالمايدۇ» دېدى.

چېخىيە باش مىنىستىرى پېتر فىيالا ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرى ژان لىپاۋسكىمۇ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

پۇتىن بۈگۈن ئەتىگەن (2022-يىلى 24-فېۋرال) ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر