كانادا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كانادا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش ھۆكۈمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىغا جاۋابەن، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1783487
كانادا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنستىرى جاستىن ترېدۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئېتىراپ قىلغان بۆلگۈنچى رايونلار بىلەن بارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئېمبارگولارنىڭ ئاتالمىش جۇمھۇرىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قوللىغان رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغىمۇ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە كانادالىقلارنىڭ رۇسىيە زايوملىرى سودىسى قىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. كانادا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا قارشى ناتونى قوللاش ئۈچۈن لېتونىيە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا قوشۇمچە 460 ئەسكەر ئەۋەتتى» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 21-فېۋرال (2022) ئاتالمىش «دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى» ئېتىراپ قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر