ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتاردا ۋاكالەتخانا ئاچىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ۋاكالەتخانا ئاچىدۇ.

1782681
ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتاردا ۋاكالەتخانا ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسى (EEAS) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل ۋە قاتار تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان نامىدىن ۋاكالەتخانا ئېچىلىشى ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسى بىلەن قاتار دائىرىلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كېلىشىم ئىمزالىغان.

دوھادا ۋاكالەتخانا ئېچىلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ 2021 – يىلى سېنتەبىردە دوھادا زىيارەتتە بولغاندا قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

تۈنۈگۈن بىرلا ۋاقىتتا، 26 – نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، ياۋروپا-پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا، تەرەپلەر، ئېنېرگىيە، سودا ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر