ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بۆلگۈنچى ئاتالمىش جۇمھۇرىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1782994
ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ئېستونىيە پىرېزىدېنتى ئالار كارىس بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش مەسىلىسىدە ئۆزىگە تەلەپ سۇنغانلىقىنى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەققىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۇنيانىڭ ۋە ياۋروپانىڭ، گىرۇزىيەدە 2008 – يىلى سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان زېلېنىسكى، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، رۇسىيەگە جىددىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېمبارگولارنىڭ «شىمالىي ئېقىم 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى تامامەن توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر