ئەردوغان تەرەپلەرنى خەلقئارالىق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

1782999
ئەردوغان تەرەپلەرنى خەلقئارالىق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىن سېنېگالغا قاراپ يولغا چىققاندا، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئەڭ باشتىن تارتىپ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن سەمىمىي شەكىلدە غەيرەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئېلان قىلغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ دونېتسك بىلەن لۇخانسكنى نامدا ئېتىراپ قىلىشنىڭ، مىنسك كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇ قارارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دونېتسك بىلەن لۇخانسكنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايمىز. تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز. قارادېڭىز دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نۇرغۇنلىغان چارە-تەدبىر پىلانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى شەرت. ئەلۋەتتە بىز تەدبىرلىرىمىزنى ئېلىۋاتىمىز.»

ئۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ بىرلەشمە يىغىن ئېچىش تەكلىپى ئۈستىدە توختالغاندا: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياكى باشقا دۆلەتلەر قوبۇل قىلسا، بۇ يىغىندا ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى ئالىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر