ئىتالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بالكونىدىن يىقىلىپ قازا قىلدى

ئىتالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىرانجىسكا تاردىئولى دەم ئېلىشقا بارغان يۇرتىدىكى تۇرالغۇسىنىڭ بالكونىدىن يىقىلىپ قازا قىلدى.

1782132
ئىتالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بالكونىدىن يىقىلىپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قانچە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن يۇرتى فولىنگوغا يېتىپ كەلگەن باش ئەلچى فىرانجىسكا تاردىئولى تۈنۈگۈن كەچتە تۇرالغۇسىنىڭ بالكونىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلغان.

ئىتالىيە ژاندارما ئەترىتىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تاردىئولىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ بالكوندىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

57 ياشلىق تاردىئولىنىڭ 2019-يىلى سىنتەبىردىن بۇيان ئىتالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، باش ئەلچى تاردىئولىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ كاتتا دىپلومات شۇنداقلا دۆلەت خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئەسلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر