زېلېنسكىي: «تۈركىيەنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يىغىن چاقىرىلسۇن»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە بىلەن بولغان جىددىيلىككە قارىتا ھەربىي تىركىشىشنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1781555
زېلېنسكىي: «تۈركىيەنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يىغىن چاقىرىلسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ «ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى، شەرق-غەرب مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك بىناكارلىقى» تېمىلىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

رۇسىيەگە قارشى ئۆز دۆلىتىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكى: «بىز ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

زېلېنسكى ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇكرائىنانى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىدىن باشقا يەنە گېرمانىيە ۋە تۈركىيەنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.

زېلېنسكى ئۆز دۆلىتىنى خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز شېرىكلىرىمىزنىڭ قوللىشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر، دۆلىتىمىزنى قوغدايمىز» دېدى.  

زېلېنسكى ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىقنى سېغىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۇنيا ئۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەمۇ مۇداخىلە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا،  بۇ يەردە چوقۇم بىرسى يالغان سۆزلىمەكتە» دېدى.

دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەگەر بۇنداق بولىشى خالانمىغان تەقدىردەم ئۆزلىرىگە نىسبەتەن سەمىمىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

زېلېنسكى ئۇكرائىنانى «ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قارشى قالقىنى» دەپ تەسۋىرلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىز 8 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي كۈچنى ئارقىغا ئىتتىرىپ كەلدى. شۇڭا بىز تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق قوللاشقا ھەقلىقمىز» دېدى.

زېلېنسكى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ چېكىندۈرگۈچ خاراكتېرلىق بولىشى كېرەكلىكى ياكى ھېچ بولمىغاندا يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن بولغان ئېمبارگولارنىڭ ئوچۇق ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

ئۇكرائىنا رەھبىرى ئېمبارگولارنىڭ تىزىملىكىنىڭ خەلققە ئوچۇق ئېلان قىلىنىشىنىڭ «كۈچلۈك بىر قەدەم» بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا، ئەگەر موسكۋا ھۆكۈمىتى قوراللىق ئۇرۇشقا كىرگەن تەقدىردە  قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە خەلقنى مەلۇماتلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىغان ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش شەرتى ئاستىدا ئېمبارگولارغا بولغان تەقەززانىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكى: «بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئېمبارگولارغا ئېھتىياجىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر