بىرازىلىيەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 152  كىشىگە يەتتى

بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 152  گە يەتتى.

1781573
بىرازىلىيەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 152  كىشىگە يەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە تارقتىىش بېرىدىغان «G1» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىئودې ژانېيرونىڭ تاغلىق رايونى پېتروپولىس شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى 500 گە يېقىن قۇتقۇزۇش خادىمى ئىشتىراك قىلىۋاتقان  ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ناچار ھاۋا شارائىتىغا قارىماي داۋاملاشماقتا.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كەلكۈن ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 152 گە، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر سانى 165 كە يەتكەن، 967 كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى رىئودې ژانېيرونىڭ تاغلىق شەھىرى پېتروپولىستا قاتتىق يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر، شەھەرنىڭ ئېگىز جايلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، كوچا، باغچە، تاللا بازارلىرىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى، سۇنىڭ ماشىنا ۋە ئاپتوبۇسلارنى ئېقىتىپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.

ئۆلكە باشلىقى كلاۋدىئو كاسترو، رايوننىڭ بۇ قېتىم 1932 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇرغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر