ئامېرىكا: چۈشۈپ كەتكەن F-35 نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلغان ئەسكەرلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى

يانۋار ئېيىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىغان بەش ئامېرىكا ئەسكىرى ھەربىي ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

1780959
ئامېرىكا: چۈشۈپ كەتكەن F-35 نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلغان ئەسكەرلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىر لېيتىېنانت، ئۈچ سېرژانت ۋە بىر پىشقەدەم ئوفېتسىرنىڭ ھەربىي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 92- ماددىسىغا خىلاپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ ئەمما مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىمىدى.

92 - ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇيرۇققا رىئايە قىلماسلىق ياكى مەجبۇرىيەتكە سەل قاراش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى، F-35C تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ 24- يانۋار جەنۇبىي دېڭىزدىكى مانېۋىر جەريانىدا ئاۋىياماتكا پالۇبىسىغا قونۇش جەريانىدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل ئامېرىكا 7- فىلوتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئاۋىياماتكا پالۇبىسىغا قونۇش جەريانىدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئاخىرقى پەيتتە سەكرىۋېلىش ئورۇندۇقىدىن پايدىلىنىپ قازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئاۋىياماتكىدىكى 6 خادىمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقان قازادا دېڭىزغا غەرق بولۇپ كەتكەن نەچچە مىليون دوللارلىق ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى تېخىچە تېپىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر