كرېمىل: ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرەلەر داۋاملىشىشى كېرەك

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا بىلەن خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1781204
كرېمىل: ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرەلەر داۋاملىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ موسكۋادا يېڭى كۈنتەرتىپلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (17-فېۋرال) رۇسىيەنىڭ ئامېرىكاغا خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرى توغرىسىدا جاۋاب بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئەمدى ئىشلار مۇزاكىرە مۇساپىسىغا قالدى. بۇ ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىشى كېرەك. بۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرىنىڭ ھەممە كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خەۋپسىزلىك تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونباس رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، رايون ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى بارت گورمەن (BartGorman) نىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مەزكۇر قارارنىڭ «كۈشكۈرتچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى» چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئەتە (19-فېۋرال) بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ چەت ئەللەرگە مانېۋىر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر