ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويدى.

1780045
ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 – دېكابىر كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى توغرۇلۇق چىقارغان قارارى زېلېنىسكى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىستىراتېگىيە، ئىچكى – تاشقى  تەھدىتلەرگە قارشى دۆلەتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدە تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلىدىكەن.

ئىستىراتېگىيەدە ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تور ساھەلىرىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، دونباستىكى رۇسىيەنى قوللايدىغان بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ۋە قانۇنسىز ھالدا تارتىۋېلىنغان قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر