ناتو تۈركىيەنى تەبرىكلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنى تەبرىكلىدى.

1780037
ناتو تۈركىيەنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ناتو قارارگاھىدا ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى، ئولتۇرۇشلارغا قاتناشتى، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ستولتېنبېرگنىڭ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىنىستىر ئاقارنى تەبرىكلىشىدىن كېيىن، ئىككى رەھبەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر