سۇدان پۇقرالىرىنى ئۇكرائىناغا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

سۇدان پۇقرالىرىغا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا چېگرا لىنىيەسىدىكى سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ساياھەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشلىرىنى تەۋسىيە قىلدى.

1779789
سۇدان پۇقرالىرىنى ئۇكرائىناغا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇدان پۇقرالىرى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا چېگرا لىنىيەسىدىكى سۈركىلىش سەۋەبىدىن ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ساياھەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشكە ۋە شارائىتى يار بەرگەنلەر، بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشقا چاقىرىق قىلىندى، ھەمدە سۇدان پۇقرالىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى  كىيېۋدىكى  سۇدان ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر