ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدۇ

ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى ئېشىۋاتقان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدا ناتونىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ.

1778811
ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 16-17-فېۋرال (2022) كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە ئېچىلىدۇ. مىنىستىرلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ئەسكەر توپلاشنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ناتونىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارشى نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى مەسىلىسى بار.

ناتو رۇسىيە بىلەن جىددىيچىلىك يۈكسەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە شەرقتىكى بالتىق دۆلەتلىرى بولغان ئېستونىيە، لېتونىيە، لىتۋانىيەدىن باشقا، پولشادىمۇ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى كۈچەيتتى.

ناتونىڭ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشادىكى ئەسكەر سانى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە 4 مىڭدىن 5 مىڭغا چىقىرىلدى. دانىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئەۋەتكەن ئۇرۇش پاراخوتلىرى ھەمدە ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن، بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇق كۈچەيتىلدى. يېقىنقى ھەپتىلەردە رۇمېنىيە بىلەن بۇلغارىيەدىمۇ ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكەر ۋە ھەربىي ئايروپىلانلىرى كۆپەيتىلدى. رۇمېنىيەدە ھازىر ناتونىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار.

ناتونىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، رۇمېنىيەگە بىر ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش پەرەز قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدىمۇ ھەربىي قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر