گېرمانىيە: ئۇكرائىنا - رۇسىيە كىرىزىسى ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن جىددىي تەھدىت

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى ياۋروپانىڭ تىنچلىقىغا ناھايىتى چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1778342
گېرمانىيە: ئۇكرائىنا - رۇسىيە كىرىزىسى ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن جىددىي تەھدىت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر شولز پايتەخت بېرلىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ «ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ھەرقانداق شەكىلدە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدىغان  ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەقدىردە، بۇنىڭ قاتتىق نارازىلىق ۋە ئېمبارگولارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى  قەيت قىلدى، ھەمدە ئالدى بىلەن رۇسىيەدە، ئاندىن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەتلەردىن مەقسەت، قانداق قىلغاندا ياۋروپانىڭ تىنچلىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغىلى بولۇش مەسىلىسىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇنبەرلەر ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇكرائىنا خاتىرجەم بولسۇنكى، بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا زۆرۈر تېپىلغاندا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز. دەرۋەقە، ئۇكرائىناغا ئەڭ كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا گېرمانىيە كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر