ئامېرىكاغا تەۋە بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ كۇرىل تاقىم ئارىلى ئەتراپىدا رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1777674
ئامېرىكاغا تەۋە بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ۋىرگىنىيە تىپىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتى مانېۋىر قىلىۋاتقان رايوندىكى كۇرىل ئارىلىنىڭ بىرى بولغان ئۇرۇپ ئارىلىغا يېقىن جايدا بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە تەرەپنىڭ دۆلەت زېمىنىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا دەسلەپتە سۇ ئاستى پاراخوتى خادىملىرىنىڭ قۇلاق سالمىغانلىقى، ئاندىن رۇسىيە تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «مارشال شاپوشنىكوۋ» پاراخوتىنىڭ مۇۋاپىق ۋاستىلارنى ئىشقا سالغانلىقى ۋە ئامېرىكا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسى ھەربىي ئىشلار  قوشۇمچە خادىمىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر