رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارادېڭىزغا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1777551
رۇسىيە قارادېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «30 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن سېۋاستوپول ۋە نوۋوروسسىك پورتىدىن قوزغىلىپ قارا دېڭىزدىكى پىلانلانغان رايون تەۋەلىكىگە كىردى» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى باياناتىدا، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يانۋار ۋە فېۋارال ئايلىرىدا «سالاھىيەت» دائىرىسىدىكى بارلىق رايونلاردا ئارقا - ئارقىدىن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا 140 پاراخوتتىن باشقا، 60 ئايروپىلان ۋە 10 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر