يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بەلگىلىنىدۇ
گېرمانىيەدە يەكشەنبە (2022-يىلى 13-فېۋرال) كۈنى فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېينمىيېر (Frank-Walter Steinmeier) نىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنىڭ توشۇشى سەۋەبىدىن، فېدېراتسىيە كونگرەسى كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئۈچۈن دۆلەتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلايدۇ.
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېينمىيېر 2021-يىلى مايدا ئىككىنچى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئىسلامغا ۋە كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسى، ئىقتىسادشۇناس ۋە يازغۇچى پىروفېسسور دوكتور ماكس ئوتتېنى نامزات كۆرسەتتى.
سولچى پارتىيە ماينىز شەھىرىدە دوختۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى دوكتور گېرخارد ترابېرت (Gerhard Trabert) نى نامزات كۆرسەتتى.
سوتسىيال دېموكرات پارتىيە، يېشىللار ۋە ئەركىن دېموكرات پارتىيەسى قاتارلىقلار تەشكىل قىلغان پارلامېنتتىكى خىرىستىيان ئىتتىپاق گۇرۇھى قوللاۋاتقان ھازىرقى پىرېزىدېنت فرانك ۋولتېر ستېينمىيېرنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
پىرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ سايلىنىشى ئۈچۈن، دەسلەپكى ئىككى ئايلانما بېلەت تاشلاشتا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىشى كېرەك. بىر نامزات دەسلەپكى ئىككى ئايلانما بېلەت تاشلاشتا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە، ئۈچىنچى ئايلانما بېلەت تاشلاش باشلىنىدۇ ۋە بۇنىڭدا ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنت بولىدۇ.