ئۈستەل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ كۆرۈشۈشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تاراتقۇلاردا مەسخىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئۇزۇن ئۈستەلگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىندى.

1777084
ئۈستەل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ كۆرۈشۈشىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تاراتقۇلاردا مەسخىرە تېمىسىغا ئايلانغان ئۇزۇن ئۈستەلگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن بەزى گۇۋاھچىلار، ماكرون 7-فېۋرال موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇزۇن ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزۇلۇش سەۋەبىنىڭ، ئۇنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈتمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر فىرانسىيەلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرى نەقىل قىلىنغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ماكرون رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان. شۇڭا، سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بويىچە، ماكروننىڭ ئىجتىمائىي مۇساپە قالدۇرۇپ پۇتىندىن ئۇزاق ئولتۇرۇشى ئېيتىلغان.

بىر ئۇچىدا ماكرون، يەنە بىر ئۇچىدا پۇتىن ئولتۇرغان ئۇزۇن ئۈستەل، تاراتقۇلاردا مەسخىرە تېمىسى بولغان ئىدى.

ئىككى رەھبەر تەخمىنەن ئالتە سائەتلىك كۆرۈشۈشىدە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ماكرون پۇتىندىن جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغايمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر