بلىنكېن ناتو ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جرىيان بىلەن كۆرۈشتى.

1776946
بلىنكېن ناتو ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بلىنكېننىڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جرىيان ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بلىنكېن-ستولتېنبېرگ كۆرۈشۈشىدە، رەھبەرلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ھەمدە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋەدىلىرىنى تەكرارلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا رۇسىيەگە تېز سۈرئەتتە ئېغىر بەدەل تۆلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بلىنكېن بىلەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگ رۇسىيەنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، ئۆزئارا ئەھمىيەتلىك دىيالوگلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن باشقا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ناتونىڭ شەرقىي قانىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى مۇزاكىرە قىلدى» دېدى.

ئۇ مىنىستىر بلىنكېننىڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جرىيان بىلەن كۆرۈشۈشى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى، G7 ئەزالىرى ۋە باشقا شېرىكلەرنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرىدا داۋاملىق ئەسكەر توپلىشىغا قارشى كۆرسىتىۋاتقان ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مىنىستىرلار ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللاشنىڭ، رۇسىيە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ ئىشغال قىلغان ئەھۋالدا دۇچار بولىدىغان ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەللەرنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر