ئىران يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تونۇتتى

ئىران «خەيبەرشەكەن» ناملىق قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان 1450 كىلومېتىر مۇساپىلىك يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تونۇشتۇردى.

1776074
ئىران يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تونۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويۇۋاتقان بىر پەيتتە، «خەيبەرشەكەن» ناملىق قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان 1450 كىلومېتىر مۇساپىلىك يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تونۇشتۇردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، «خەيبەرشەكەن» ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى باكىرى ۋە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى مايۇر گېنېرال ئەمىر ئەلى ھاجىزادەنىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئەسناسىدا تونۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئالاھىدە يۇقىرى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قاتتىق يېقىلغۇلۇق مەزكۇر بومبىنىڭ 1450 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن چۈشىنىشمەسلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تېھران دائىرىلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنىڭ سۆھبەت تېمىسى قىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر