ئافغانىستاندا غايىب بولغان 6 ئايال پائالىيەتچى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەخمىنەن 3 ھەپتە ئىلگىرى ئافغانىستاندا غايىب بولغان 6 ئايال پائالىيەتچى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1775585
ئافغانىستاندا غايىب بولغان 6 ئايال پائالىيەتچى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىج، «كابۇلدا ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان ئايال پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەمدە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق خەۋەر يوق» دېدى.

دۇجارىج غايىب بولغان ئايال پائالىيەتچىلەر ھەققىدە دۆلەتنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تالىباندىن مەلۇمات تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر