ۋىيېننادا ئىران يادرو كېلىشىملىرى سۆھبىتى قايتىدىن باشلاندى

ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا تەخمىنەن 10 ئايدىن بۇيان ئىران يادرو كېلىشىملىرىنى تولۇق ۋە كەمكۈتسىز ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەرنىڭ سەككىزىنچىسى باشلاندى.

1775799
ۋىيېننادا ئىران يادرو كېلىشىملىرى سۆھبىتى قايتىدىن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر خىزمىتى مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىك مورا (Enrique Mora) نىڭ باشچىلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەرگە، رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مۇزاكىرەلەرگە، 2018-يىلى كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنگەن ئامېرىكا قاتناشمىدى. ئېنرىك مورا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ بىۋاستە سۆھبەتلىرى سەۋەبىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالاقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

«كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» دەپ ئاتالغان ئىران يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى 2015-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن چەككە چۈشۈرۈشى، ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشى ۋە ئىرانغا قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار ھەر خىل مۇنبەرلەردە داۋاملاشماقتا.

مۇزاكىرەلەر رامكىسىدا تەشكىل قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قايتىدىن باشلىشى بىلەن، ئاخىرقى مۇزاكىرە دەپ قوبۇل قىلىنغان سەككىزىنچى قېتىملىق مۇزاكىرە، توختاپ قالغان يېرىدىن داۋاملاشتى.

ئېنرىك مورا 27-دېكابىر (2021) باشلانغان مۇزاكىرەلەرنىڭ سەككىزىنچىسى 28-يانۋار (2022) قىسقا ۋاقىت توختاپ قېلىشتىن ئىلگىرى، مۇزاكىرەلەردىن تېز خۇلاسە چىقىرىلىشى ئۈچۈن سىياسىي قارارلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر