ۋۇخەن ۋىرۇسى سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئاقساشلارغا سەۋەب بولماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاباسى ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، دۇنيا مىقياسىدا ئاساسلىق سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئاقساشلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1775208
ۋۇخەن ۋىرۇسى سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئاقساشلارغا سەۋەب بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان راي سىناش نەتىجىسىدە، تەشكىلاتقا ئەزا %90 دۆلەتنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئاساسلىق سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئاقساشلارنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىش سەۋەبىدىن ئاقساپ قالغان داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى راك، روھى، نېرۋا، تۇبېركۇليوز، بەزگەك ۋە HIV قاتارلىق كېسەللىكلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

راي سىناشقا قاتناشقان %36 دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، %32 نىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە %23 نىڭ جىددىي داۋالاش ساھەلىرىدە ئاقساشلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئانچە ئېغىر بولمىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ %59 نىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋابا سەۋەبىدىن ئاساسلىق سەھىيە خىزمەتلىرى ئاقساپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ %92 دە، دوختۇرخانىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللاردا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

راي سىناشقا قاتناشقان %56 دۆلەتتە دىياگنوز قويۇش ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، %64 دۆلەتتە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە %36 دۆلەتتە سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى يۇقۇمدىن قوغدايدىغان كىيىم-كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەشتە يېتەرسىزلىكنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر