چېگراسىز مۇخبىرلار  جەمئىيىتى (RSF) پ ك ك/ي پ گ نىڭ  مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى ئەيىبلىدى

چېگراسىز مۇخبىرلار  جەمئىيىتى (RSF) بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن سۈرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان 2 ئۆكتىچى مۇخبىرنى «دەرھال قويۇپ بېرىش» نى تەلەپ قىلدى.

1775117
چېگراسىز مۇخبىرلار  جەمئىيىتى (RSF) پ ك ك/ي پ گ نىڭ  مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى پارىژدا تۇرۇشلۇق چېگراسىز مۇخبىرلار  جەمئىيىتى (RSF)  تىۋىتتېر ھېسابىدا، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا قارشى پەيدا قىلىۋاتقان توسقۇنلۇقلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەربىل مەكەزلىك رۇداۋ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ئاخبارات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى باھانە قىلىپ تاقىۋىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  چېگراسىز مۇخبىرلار  جەمئىيىتى (RSF)  نىڭ بۇ مۈجمەل باھانىنى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئىككى مۇخبىرنىڭ كامىشلىدا نىقابلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نامەلۇم جايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ،  «چېگراسىز مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلدى.

پ ك ك/ي پ گ تېرورچىلىرى ئالدىنقى كۈنى كەچتە كامىشلىنىڭ شەھەر مەركىزىدە، ئەربىل مەركەزلىك «ARK News» تورىنىڭ مۇخبىرى سابرى فاخرى ۋە «Yekiti Media» ئورگىنى خادىمى باۋەر موللا ئەخمەتنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

پ ك ك/ي پ گ ئۈچ كۈن ئىلگىرىمۇ رۇداۋ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پائالىيەتلىرىنى «رايوندىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا زىيان يەتكۈزدى» دېگەن باھانە بىلەن چەكلىگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتىكى رايونلاردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مېديا ئورگانلىرى ئەركىن پائالىيەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر