فىرانسىيە: ئوتتۇرا شەرقتىكى خىرىستىيان مەكتەپلىرىگە بېرىدىغان ياردەمنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىمىز

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى خىرىستىيان مەكتەپلىرىگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ بىر ھەسسە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1772141
فىرانسىيە: ئوتتۇرا شەرقتىكى خىرىستىيان مەكتەپلىرىگە بېرىدىغان ياردەمنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون ئېلىسې سارىيىدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇ يەردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ: «(ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە) خىرىستىيانلارنى قوللاش فىرانسىيەنىڭ بىر ئەسىرلىك ۋەدىسى، تارىخى بۇرچىدۇر» دېدى.

ماكرون دۆلىتىنىڭ بۇ رايوندىكى مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە دىيالوگ كۈرىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ رايوندىكى خىرىستىيانلارغا خىزمەت قىلىۋاتقان «L'Oeuvre d'Orient» جەمئىيىتى ئارقىلىق رايوندىكى خىرىستىيان مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ بىر قاتلىنىپ 4 مىليون ياۋروغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىركەت ۋە فوندى جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا تۆھپە قوشۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماكرون جەنۋەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان رايونلاردىكى مىراسلارنى قوغداش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا 30 مىليون دوللار تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر