دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومىكرونغا قارشى غەلبە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشنىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادىانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى بىر دۆلەتنىڭ «تەسلىم بولۇشى ياكى غەلبە ئېلان قىلىشى» ئۈچۈن كۆپ بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1772390
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومىكرونغا قارشى غەلبە قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشنىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2020-يىلى 30-يانۋار خەلقئارالىق خەلق ساقلىقى جىددىي ھالەت ئېلان ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئۆتكەن يىلدا دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 370 مىليون ۋەقە، 5.6 مىليون ئۆلۈم سانى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى يىل بۇرۇنقى ئۇ ۋاقىتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 100 دىن ئارتۇق ۋەقە كۆرۈلگەن ۋە خىتايدىن باشقا جايدا ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن ئىدى» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ 10 ھەپتە ئىلگىرى بايقالغانلىقىنى، ئەمما دۇنيادا 90 مىليوندىن ئارتۇق ئومىكرون ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەزكۇر سان 2020-يىلى بىلدۈرۈلگەن جەمئىي ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەسىدىن كۆپ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەردە، كىشىنى ئېغىر ئەندىشەگە سالىدىغان ئېشىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى بىر دۆلەتنىڭ «تەسلىم بولۇشى ياكى غەلبە ئېلان قىلىشى» ئۈچۈن كۆپ بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ۋىرۇس خەتەرلىك ۋە ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئالدىدا داۋاملىق شەكىل ئۆزگەرتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ھازىرغىچە ئومىكرون ۋارىيانتى ۋە ئومىكروننىڭ ئەسلى تۈرىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «BA.2» ناملىق ۋارىيانتنىڭ ئىزىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چاقىرقىنى تەكرارلىدى.

ئۇ ۋاكسىنالارنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا بولغان ئۈنۈمى توغرىسىدىكى سوئالغا: «تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنالار ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى يۇقىرى. بولۇپمۇ، ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنالارنىڭ خەتەرلىك گۇرۇپپىلىرىدا ئىجابىي ئۈنۈمى ئوتتۇرىدا. بۇ ۋاكسىنالارنى كەمكۈتسىز دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، قانچىلىك كۆپ كىشى ۋاكسىنا ئەملەتسە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى شۇنچىلىك ئازىيىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ كىشىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ۋاكسىنا ئەملەتكەن دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خەتەر ئاستىدىكى نۇرغۇن كىشى، خاتا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن قان قۇتقۇزىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ۋاكسىنالارنى ئەملەتمەسلىكنى قارار قىلماقتا» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالىمى دوكتور سوميا سۋامىناتان (SoumyaSwaminathan)  تەشكىلاتنىڭ ۋاكسىنالارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئۈنۈم نىسبەتلىرىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋارىيانتلاردىن خەۋىرىمىز بولىدۇ. ھازىرقى ۋاكسىنالارنى بۇ ۋارىيانتلارغا قارشى قانداق يېڭىلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەتقىقاتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر