بلىنكېن بىلەن لاۋروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1771911
بلىنكېن بىلەن لاۋروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىنىستىر بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرەېي لاۋروۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، كۆرۈشۈشنىڭ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىك تەكلىپلىرىگە قايتۇرغان يازما جاۋابىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ: «بلىنكېن ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن تولۇق كوردىناتسىيە ھالىدا ئىككى تەرەپلىك ياكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرى مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى.

بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە سادىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكانىڭ پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكرارلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بلىنكىن رۇسىيەدىن دەرھال جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى ۋە ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىن ئەسكەر، قورال-ياراغلارنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشغال قىلىنىشىنىڭ، تېز سۈرئەتتە ئېغىر بەدەللىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رۇسىيەنى دىپلوماتىك يولدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خەۋپسىزلىكنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى بەدىلىگە كۈچەيتمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئاشقۇن دەرىجىدە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ناتو دۆلەتلىرىنىڭمۇ خەۋپسىزلىكنىڭ بۆلۈنمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەيدانىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «غەربلىك كەسىپداشلىرىمىز ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىدا، ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان خەلقئارالىق قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«مەن يەنە بلىنكېنغا بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىشقا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بىز غەربنىڭ نېمە ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ياكى ئۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تاللاپ تۇرۇپ ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشكە زورلايمىز. بلىنكېن بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئامىللارنىڭ بارلىقى پىكرىگە قوشۇلدى. بىز ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر