ئېكۋادوردىكى كەلكۈندە 11 كىشى قازا قىلدى

ئېكۋادورنىڭ پايتەختى كىتودا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە ئاز دېگەندە 11 كىشى قازا قىلدى.

1771530
ئېكۋادوردىكى كەلكۈندە 11 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىتودىكى جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش خادىملىرى كەلكۈن سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

كەلكۈندە ئاز دېگەندە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە  قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رايوندا نۇرغۇن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى. جىددى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

دائىرىلەر ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر