شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن (30 - يانۋار، 2022) Hwasong-12 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1770733
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سىناق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ Hwasong-12 تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇڭ قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن قىلىنغان سىناقنىڭ ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) سۇلىرىغا قارىتىپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىگە يېقىن «رودوڭ سىنمون» گېزىتى، سىناق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، مۇساپىسى 5000 كىلومىتىر كېلىدىغان Hwasong-12 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا غەربىي تىنچ ئوكياندىكى بارلىق ياپونىيە ۋە ئامېرىكاغا تەۋە گۇئام ئارىلىغىچە يېتىپ بارالايدىكەن.

ئەڭ ئاخىرقى سىناقنى قوشقاندا شىمالىي كورېيە 1-ئايدا 7 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر